تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى: «مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتىمەن. بۇ راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا (شۇنداق كۆپ ئىشلارنى) قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر». 32 ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟ □««ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم...» ــ پاۋلۇس ئەفەسۇس شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزگەندە، بەزى ئادەملەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ۋەھشىي ھايۋانلاردەك ھۇجۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» ــ «يەش.» 13:22. ■يەش. 22:13؛ 56:12. 33 ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». □«يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر گرېك شائىرى مەناندەرنىڭكىدىن ئېلىنغان. 34 ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر ــ بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟
- كورىنتۇسلۇقلارغا «1»
- a
-
«ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا...» ــ ئادەمنىڭ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىشى «بىكارغا كېتىش»ىمۇ مۇمكىنمۇ؟ بۇ بابتا بىر مىسال كۆرسىتىلىدۇ؛ بىرسى خۇش خەۋەرنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسىنى قوبۇل قىلمىغان بولسا (بۇ نۇقتا ئۇنىڭغا ياقمىغان، ياكى ئۇ ئۇنى ئۆگىنىشنى خالىمىغان بولسا)، ئۇنداقتا بۇ خۇش خەۋەرنى ئىنكار قىلغانغا باراۋەر؛ دېمەك، شۇ ئىشەنگۈچى ئادەم، گەرچە «ئىشەنگەن بولسىمۇ»، تولۇق ئىشەنمىگەچكە، ئىشىنىش يولى بىكارغا كېتىدۇ. شۇڭا ئاخىردا ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ.
- e «كېفاس» ــ يەنى روسۇل بولغان سىمون پېترۇس. «ئون ئىككىيلەنگە» ــ ئون ئىككى روسۇلغا كۆرۈنگەن، دېمەكچى. «ئون ئىككىيلەن» بەلكىم ماتتىيانى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن («روس.» 26:1).
■15:5 لۇقا 24:34؛ يـۇھ. 20:19؛ روس. 10:41.
- g «ئۇ ياقۇپقا ... كۆرۈندى» ــ ياقۇپ مەسىھ ئەيسانىڭ چوڭ ئىنىسى، كېيىن ئۇ روسۇل بولغان. ئىنجىل «يۇھ.» 7:5نى كۆرۈڭ).
- h «خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭا...» ــ « ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان مەن...» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■15:8 روس. 9:3،17؛ 23:11؛ 1كور. 9:1؛ 2كور. 12:2.
■15:9 ئەف. 3:8؛ روس. 8:3؛ 9:1؛ 22:4؛ 26:9؛ گال. 1:13؛ 1تىم. 1:13.
■15:10 2كور. 11:23؛ 12:11.
- l «ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق...» ــ ياكى «ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىلا مەسىھگە باغلىغان بولساق...».
- m «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» ــ ئالدىن پىشقان مېۋە يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنمۇ، باشقا مېۋىلەرنىڭ چوقۇم پىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغىنىدەك، مەسىھنىڭ تىرىلىشى ئىمان-ئىشەنچتە بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭمۇ ھەققانىيلىقتا قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەۋرات بويىچە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» خۇداغا ئالاھىدە ئاتىلاتتى (بېغىشلىناتتى) («لاۋ.» 23-باب، «قان.» 4:18).
■15:20 كول. 1:18؛ 1پېت. 1:3؛ ۋەھ. 1:5.
■15:21 يار. 2:17؛ 3:6؛ رىم. 5:12،18؛ 6:23.
- p «ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ» ــ بۇ مۇھىم ئايەت ۋە تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
■15:25 زەب. 110:1؛ روس. 2:34؛ ئەف. 1:20؛ كول. 3:1؛ ئىبر. 1:13؛ 10:12.
- r «چۈنكى زەبۇردا «خۇدا پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر» ــ «زەب.» 6:8.
■15:27 زەب. 8:6؛ مات. 11:27؛ 28:18؛ ئەف. 1:22؛ ئىبر. 2:8.
- t «كىشىلەر ...ئۆلگەنلەر ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟» ــ چۈشىنىش قىيىن بولغان بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
- u «مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن» ــ گرېك تىلىدا «مەن ھەركۈنى ئۆلىمەن». تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى: «مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتىمەن. بۇ راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا (شۇنداق كۆپ ئىشلارنى) قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر».
- v ««ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم...» ــ پاۋلۇس ئەفەسۇس شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزگەندە، بەزى ئادەملەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ۋەھشىي ھايۋانلاردەك ھۇجۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» ــ «يەش.» 13:22.
■15:32 يەش. 22:13؛ 56:12.
- x «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر گرېك شائىرى مەناندەرنىڭكىدىن ئېلىنغان.
■15:35 ئەز. 37:3.
- z «... قايتىدىن تىرىلمەيدۇ» ــ گرېك تىلىدا «... جانلاندۇرۇلمايدۇ».
■15:36 يـۇھ. 12:24.
- ~28~ «قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ (41-ئايەت). ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر» ــ دېمەك، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ.
■15:42 دان. 12:3؛ مات. 13:43.
- ~30~ «تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە» ــ گرېك تىلىدا «جانغا تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە» ياكى «جانلىق بىر تەن سۈپىتىدە» دېيىلىدۇ؛ «جان» مۇشۇ يەردە ئىنساننىڭ زېھنى، ئوي-پىكىرلىرى ۋە ھېسسىياتلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
- ~31~ «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى» ــ «يار.» 7:2. «ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى» ــ «ئاخىرقى ئادەمئاتا» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
■15:45 يار. 2:7.
- ~33~ «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ــ گرېك تىلىدا «جانغا تەۋە بولغۇچى». 44-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى» ــ (گرېك تىلىدا: ««جانغا تەۋە بولغۇچى» ئاۋۋال كەلگەن، كېيىن «روھقا تەۋە بولغۇچى» كەلگەن») ــ بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
- ~34~ «دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بار بولسا كېرەك، ئىبرانىي تىلىدا «ئادەم» دېگەن سۆز «تۇپراق»، «توپا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ («يار.» 7:2نى كۆرۈڭ).
- ~35~ «بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولايلى» دېيىلىدۇ.
■15:49 2كور. 4:11.
- ~37~ «... چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ» ــ بۇ چىرىگۈچى تېنىمىز ئۆلىدۇ، پەقەت روھىمىز ئۆزگەرمەس ھالەتتە باقىي ئالەمگە كېتىدۇ. خۇدانىڭ بىز مۆمىن بەندىلىرى تىرىلدۈرۈلگەندە چىرىماس تېنىمىزنىڭ «چىرىگۈچى» تېنىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. خۇدا ئېتىقادچىلارغا پۈتۈنلەي يېڭى بىر تەن ئاتا قىلىدۇ.
■15:50 يـۇھ. 1:13.
- ~39~ «مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن» ــ «سىر» توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ.
■15:51 1تېس. 4:16.
- ~41~ «...ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز» ــ «ئەڭ ئاخىرقى كاناي» ــ ئىنجىل، «مات.» 31:24، «1تېس.» 16:4، «ۋەھ.» 7:10 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ.
■15:52 مات. 24:31؛ 1تېس. 4:16.
- ~43~ «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!» ــ «يەش.» 8:25 (LXX تەرجىمىسىدىن).
■15:54 يەش. 25:8.
- ~45~ «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» ــ «ھوش.» 14:13. «ھوشىيا»دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى «ئاھ، تەھتىسارا، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» («تەھتىسارا» ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي).
■15:55 ھوش. 13:14؛ ئىبر. 2:14.
- ~47~ «گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ» ــ دېمەك، ئىنسانلار قانۇنسىز يۈرگەندە گۇناھ ئېڭى بولمايدۇ. لېكىن تەۋرات قانۇنىدىكى يۇقىرىقى تەلەپلەرنى بىلىپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن ئەمەل قىلالمىغانلىقىدىن گۇناھنىڭ ھەقىقىي دەھشەتلىك كۈچلۈك بىرنەرسە ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ.
- ~48~ «بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر!» ــ «غەلىبە» دېگەن سۆز ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
■15:57 1يۇھ. 5:5.
■15:2 رىم. 1:16؛ 1كور. 1:21.
■15:3 يەش. 53:7؛ دان. 9:24،26؛ 1كور. 5:7؛ 1پېت. 2:24.
■15:4 زەب. 16:10؛ يەش. 53:8، 9؛ يۇن. 2:1؛ مات. 12:40
- e «كېفاس» ــ يەنى روسۇل بولغان سىمون پېترۇس. «ئون ئىككىيلەنگە» ــ ئون ئىككى روسۇلغا كۆرۈنگەن، دېمەكچى. «ئون ئىككىيلەن» بەلكىم ماتتىيانى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن («روس.» 26:1).